پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتماقچىمۇ؟

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىل ئاخىرلىشىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلۈپ - ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقى ياكى ئىسلام كەرىموفنىڭ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ-تاپشۇرمايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ مەسىلە نۆۋەتتە پۈتۈن ئۆزبېكىستان خەلقىنى ئەڭ كۆپ ئويلاندۇرۇۋاتقان مەسىلە بولۇپ قالغان. 1991‏- يىلىدىن بېرى ئۆزبېكىستاندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىسلام كەرىموف، غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ئەڭ كۆپ دەپسەندە قىلىۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ بىرى دەپ ئەيىبلەنمەكتە. بولۇپمۇ 2005‏- يىلى ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈزبەرگەن قانلىق باستۇرۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفقا قاراتقان تەنقىدلىرى تېخىمۇ كۈچەيدى.

دىپلوماتلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، "ئۆزبېكىستان پارلامىنتى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈپ، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموفقا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى يەنە بىر قانچە يىل ئۇزارتىش ياكى قايتىدىن ئۆزىنى پرېزىدېنت نامزىدى قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ياكىي ئۆزىنى ئۆمۈر بويى پرېزىدېنت ئېلان قىلىشى ئۈچۈن رىفراندوم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن،دەپ پەرەز قىلىشماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستاندا نۇرغۇن كىشىلەرمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىھتىمالىلقلارنىڭ بىرىنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىنلىقىغا ئىشنىدىكەن. ئەمما بەزى دىپلوماتلار، پرېزىدېنت كەرىموف ئۆزى تەختتىن چۈشۈپ، باشقا بىر كىشىنى پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە تەيىنلەش مۇمكىنچىلىكىمۇ بار دەپ كۆرسەتمەكتە.

تۇنجى قېتىم 1991‏- يىلى پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغان ئىسلام كەرىموف، رىفراندومدىن پايدىلىنىپ بىرنەچچە قېتىم پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتقان ۋە پارلامېنت ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى 2007‏-يىلىنىڭ دېكابىر ئېيىغىچە ئۇزارتقان ئىدى.(ئۆمەر قانات)