ئىسلام كەرىموف يەنە پرېزىدېنت بولىدۇ


2007.12.23

يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئاخىرلاشتى، مۆلچەرلىنىشىچە، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف يەنە قايتىدىن سايلىنىشى مۇمكىن. گەرچە، سايلام نەتىجىسى تېخى ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق، بۇ ئاللىقاچان چىقىرىلىپ بولغان يەكۈن. فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئىسلام كەرىموف باشقا تۆت نەپەر پرېزىدېنت نامزىتىنى مەغلۇپ قىلىشى مۇقەررەر.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، كەرىموف %90 تىن يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن. ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىغا ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىر كۆزەتكۈچى ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتكەندىن سىرت يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرىمۇ سايلام جەريانىنى كۆزەتكەن.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشقان نامزاتلار ئىچىدە بىر ئايالمۇ بار بولۇپ، گەرچە ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم پرېزىدېنت سايلىمىغا چۈشكەن ئايال بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى تولىمۇ يىراق ئىكەن.

خەلقئارالىق تەشكىلاتلار بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئادىل ۋە ئەركىن بولمىغانلىقىنى كۆرسىتىشمەكتە، چۈنكى، ئىسلام كەرىموف ئۆكتىچىلەرگە نىسبەتەن قاتتىق قوللۇقنى داۋاملاشتۇرۇپلا قالماستىن بەلكى يەن ساقچى ۋە مەخپىي خىزمەت خادىملىرىنى كۆپەيتىپ، ئۆزىگە قارشى پىكىردە بولۇشتىن قاتتىق مۇداپىئە كۆرگەن ھەم ئۇنداق كىشىلەرگە رەھىمسىز مۇئامىلىلەردە بولغان.

2005- يىلىدىكى ئەنجان قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، ئۆكتىچىلەرگە بولغان بېسىم تېخىمۇ كۈچەيتىلگەنلىكى مەلۇم. تېخى يېقىندا ئاتاقلىق شائىر يۈسۈپ جۈمە ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى بابۇر جۈمە ئىسلام كەرىموفنى تەختتىن چۈش، دەپ نامايىش قىلغاندا قولغا ئېلىنىپ، ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن. پرېزىدېنت سايلىمى باشلىنىش ھارپىسىدا سۆھبەت ئابدۇللايېۋ ئىسىملىك مېدىتسىنا پەنلىرى دوكتورى، يەنى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان پرېزىدېنت نامزاتى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى سوتىغا ئەرزى سۇنۇپ، ئۆزىنى ئەڭ بۇرۇن پرېزىدېنت نامزاتلىقىغا كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلىپ، باھانە -سەۋەبلەر بىلەن ئۇنىڭ نامزاتلىقىنى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۈچىنچى نۆۋەت پرېزىدېنت بولۇشى ئەسلىدە ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىغا خىلاپ بولسىمۇ، لېكىن ئاساسىي قانۇن پرېزىدېنت كەرىموفنىڭ ئالدىدا بەرىبىر كۈچكە ئىگە بولمىغان. سابىق كوممۇنىست رەھبىرى ئىسلام كەرىموف 18 يىلدىن بېرى ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلىپ كەلمەكتە.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.