ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئىسلام كەرىموف ئۇتۇپ چىقتى


2007.12.24

ئۆزبېكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نەتىجىدە ئىسلام كەرىموف ئۇتۇپ چىقىپ، ئۆزبېكىستانغا 3- نۆۋەت پرېزىدېنت بولۇپ سايلاندى.

ب ب س ئاخبارات قانىلىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلام كەرىموف 88.1 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن ئۇتۇپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما غەرب ئەللىرىدىن كەلگەن سايلامنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سايلام دېموكراتىك يوسۇندا ئېلىپ بېرىلمىغان.

بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا ئىسلام كەرىموف بىلەن رىقابەتكە چۈشكەن باشقا ئۈچ نەپەر كاندىداتلار ئانچە تونۇلمىغان شەخسلەر بولۇپ، ئۇلار كەڭ دائىرىلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۆزبېك خەلقىنى ئۆزلىرىگە بىلەت تاشلاشقا ئۈندەشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە ئىسلام كەرىموفنى ماختىغان بولغاچقا، ئىسلام كەرىموفنىڭ بۇ قېتىملىق سايلامدا مۇقەررەر ھالدا ئۇتۇپ چىقىشى ئالدىن مۆلچەرلەنگەن ئىدى .

سايلامنى كۆزىتىشكە قاتناشقان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ مەزكۇر سايلامنىڭ " قاتتىق كونترول قىلىنغان سىياسىي مۇھىت " تا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ھەقىقىي قارشى پىكىردە رىقابەتلىشىشكە يول قويۇلمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ب ب س دە خەۋەر قىلىنىشىچە، نۇرغۇن كىشىلەر ئىسلام كەرىموفىتىن ئۆزگە بىرسىگە بىلەت تاشلاشتىن قورقۇنچ ھېس قىلغانلىقتىن، پەقەت ئىسلام كەرىموفقىلا بىلەت تاشلاشقا مەجبۇر بولغان.

ئۆزبېكىستان ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسلانغاندا ، ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ۋاقتى يەنە ئىككى يىل قالغان ئىسلام كەرىموف قانۇنغا قارىماي يەنە بىر نۆۋەت سايلامغا چۈشكەن بولسىمۇ، ھالبۇكى شۇنداق تۇرۇپ يەنە نېمە ئۈچۈن سايلامغا چۈشكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەندۈرۈش بەرمىگەن.

ئىسلام كەرىموف 1991- يىلى مۇستەقىللىق ئىلان قىلىنغاندىن بۇيان ئۆزبېكىستاننى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ 3- نۆۋەت پرېزىدېنت بولۇپ سايلىنىشى. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.