خۇ جىنتاۋ ئۆزبېكىستانغا تەكرار پرېزىدېنت بولغان كېرىموفنى تەبرىكلىدى


2007.12.25

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ خەلقئارا جامائەت تەرىپىدىن قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ، گۇمانلىق بىر سايلام بىلەن قايتىدىن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ئىسلام كېرىموفنى تەبرىكلىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ سەيشەنبە كۈنى، ئىسلام كېرىموفقا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتىدە، خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ۋە دوستلۇق مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، كەرىموف بىلەن بىرگە ئىشلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

ئۆزبېكىستاندىكى سايلامنىڭ ئېلىپ بېرىلىش جەريانىنى كۆزەتكەن، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، يەكشەنبە كۈنىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك ئۆلچەملەرگە خىلاپ ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

گەرچە، پرېزىدېنت سايلىمىغا، ئىسلام كەرىموفتىن باشقا يەنە ئۈچ پرېزىدېنت نامزاتى قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزبېكىستان سىياسىي ئۆكتىچىلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزبېكىستان خەلقىغە ئانچە تونۇش بولمىغان بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسلام كەرىموفنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، خەلقئارا جامائەتكە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مەقسەتلىك ھالدا، ئۆزلىرىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلىشماقتا.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن ئۈچ پرېزىدېنت نامزىتىنىڭ ، سايلام پائالىيىتى جەريانىدا، پرېزىدېنت ئىسلام كېرىموفنى قوللايدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلىگەنلىكى، بۇنىڭ ئۆزبېكىستاندىكى ھاكىمىيەتنىڭ بىر سىياسىي ئويۇنى ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بېرىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.