ئىسسىق كۆل ئاستىدىن قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى تېپىلدى

رۇسىيە-قىرغىزىستان ئالىملىرى ئىسسىق كۆل ئاستىنى ئۇزۇن مەزگىل تەكشۈرگەن بولۇپ، 2007- يىلىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆل ئاستىدىن 2500 يىل ئىلگىرىكى ئىنسانلار مەدەنىيەت ئىزلىرىنى تېپىپ، ئىسسىق كۆل رايونىنىڭ مەزكۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئەھمىيەت جەھەتتە شىمالىي قارا دېڭىز بويلىرىدىكى ۋە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى قىرغاقلىرىدىكى مىسىر مەدەنىيەتلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى ھۆكۈم قىلىشتى.

رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئىسسىق كۆل ئاستىدىكى بۇ مەدەنىيەتنى ئىزدەشكە قاتناشقان نىكولاي لۇكاشېۋ يۇقىرىدىكى ئۇچۇرنى مەلۇم قىلغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش پائالىيىتىگە قىرغىزىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋلادىمىر پلوسكىخ ۋە رۇسىيە ئالىملىرىدىن سۋېتلانا لۇكاشېۋانىڭ باشچىلىقىدا رۇسىيە سۇ ئاستى پائالىيەتلىرى ئېلىپ بارغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى قاتناشقان. غەۋۋاسلار كۆل ئاستىغا قايتا -قايتا چۆكۈپ، كۆل ئاستىنى تەتقىق قىلىپ، قەدىمكى مەدەنىيەت پاكىتلىرىنى ئىزدىدى.

ئۇلار ئىسسىق كۆلنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىدا 5 مېتىردىن 10 مېتىرغىچە بولغان ئۇس ئاستىدىن ئۇزۇنلۇقى يېرىم كىلومېتىرغا سوزۇلغان سېپىلنىڭ ئىزىنى تاپقان. بۇ چوڭ بىر شەھەرنىڭ بەلگىسى بولۇپ، دائىرىسى بىر قانچە كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆلنىڭ ئاستىدىن ياخشى ساقلانغان ساك دەۋرىگە مەنسۇپ، بۇيۇملار تېپىلغان. بۇلار مىستىن ياسالغان ھەر خىل بۇيۇملار، ئوقيا، ئۆزىنى قوغداشقا ئىشلىتىدىغان خەنجەر ۋە باشقىلاردۇر. ھازىرغىچە كۆل ئاستىدىن ئون نەچچە قەلئە ۋە ئاھالە پونكىتلىرى خارابىسى تېپىلغان.

يۇقىرىدىكى سۇ ئاستىغا چۆكۈپ كەتكەن مەدەنىيەت ئىزلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسسىق كۆلنىڭ شىمالىي قىرغاقلىرىغا يېقىن بولۇپ، بۇ يەردىكى خەلقلەر ئارىسىدىمۇ ئىسسىق كۆلنىڭ ئاستىدا چۆكۈپ كەتكەن شەھەرلەر بارلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك رىۋايەتلەر مەۋجۇت ئىكەن. (ئۈمىدۋار)