ھەرقايسى تەرەپلەر ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا


2005.03.31

ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، قىرغىزىستاننىڭ ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېفنى تېزدىن رەسمىي ئىستىپا بېرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىمسىزلىقلارغا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دىمىترىج رۇپەل ئۆزلىرىنىڭ قىرغىزىستان يېڭى رەھبەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئەسقەر ئاقايېفنى قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى.

بۇنىڭ ئالدىدا، دىمىترىج رۇپەل قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبىرى قۇرمانبەگ باقېيېف بىلەن بېشكەكتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىل 6 - ئايدىكى پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى، دۆلەت سىياسىتىنىڭ قانۇنلۇق يولدا مېڭىشىغا پايدىلىق دەپ قاراپ، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس كومىتېت تەشكىللىگەن. ئەسقەر ئاقايېف ئىلگىرى بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغاندا، بېشكەككە قايتىپ كېلىپ ئىستىپا بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرى ئارىسىدا، ئەسقەر ئاقايېفنى قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسىدە ئىختىلاپلار مەۋجۈت ئىكەن.

قىرغىزىستان رەھبىرى قۇرمانبەك باقىيېف، ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ قىرغىزىستانغا قايتىپ ئىستىپا بېرىشى، يېڭى زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگە يول ئاچىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرغان. بىراق، قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەربەك تېكىبايېف ۋە ئۆكتىچى رەھبەرلەرنىڭ بىرى فىلىكس كۇلۇف ، ئەسقەر ئاقايېفنىڭ قىرغىزىستانغا قايتىپ، ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە نامايىشچىلار كەڭ كۆلەمدە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، پرېزىدېنت سارىيىنى قامال قىلغاندىن كىيىن، پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف قىرغىزىستاندىن قېچىپ كەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.