قىرغىزىستان پارلامىنتى ئاقايوفنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلدى

قىرغىزىستان پارلامېنتى دۈشەنبە كۈنى ئەسقەر ئاقايوفنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىپ، مۇشۇ يىل 10 - ئىيۇل كۈنى قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

قىرغىزىستان پارلامېنتىنىڭ رەئىسى ئۆمەربېك تەكەبايوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ بۇرۇن پىلانلانغاندىن كېيىنرەك بىر كۈنگە ئىلىنغانلىقى، پرېزىدېنت كاندىداتلىرىغا سايلامغا تەييارلىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. قىرغىزىستاننىڭ يېڭى رەھبەرلىرى دەسلەپتە پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ مۇشۇ يىل 6 - ئاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى قىرغىزىستان پارلامېنتى ئاقايوفنى نۇرغۇن ئىمتىيازلىرىدىن مەھرۇم قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ جاۋابكارلىققا تارتىلماسلىق ھوقۇقىنى بىكار قىلغان ئىدى.

بۇ ئارىدا دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان ئالىي سوتى قىرغىزىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا قۇرمانبىك باقىيىفنىڭ رەقىبى بولۇش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغان سىياسىي ئۆكتىچى فىلىكس قولوفغا ئارتىلغان يەنە بىر جىنايەتنىمۇ ئاقلاپ چىقتى.

سابىق قىرغىزىستان مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رە ئىسى ۋە بىشكەك شەھەر باشلىقى فىلىكس قولوف، 2000 - يىلى چېرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئىلىنغان ئىدى. لېكىن قىرغىزىستان سىياسىي ئۆكتىچىلىرى قولوفنىڭ قولغا ئېلىنىشىنىڭ ئاقايوف ھاكىمىيىتىنىڭ بىر سىياسىي ئويۇنى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. (قانات)