0:00 / 0:00
يېقىندا قىرغىزىستان ئۇيغۇرلار ئىتتىپاقى جەمئىيىتى مەركىزى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى بېشكەكتىكى ئۇيغۇر مەھەللىسىدە يىغىن ئېچىپ، كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ ئۇيغۇر مەھەللىسى ئاقساقىلى سۇلتان ھاجى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.