ئۆزبېك –قىرغىز مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئىختىلاپلار كۆپەيمەكتە
2005.09.11
يېقىندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىزىستاننى ئەنجان ۋەقەسىنى پەيدا قىلغۇچى ئادەملەرنىڭ بازا قۇرۇشىغا يول ئېچىپ بەرگەنلىك بىلەن ئەيىبلىشىدىن كېيىن، قىرغىزىستان تەرەپ بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلغان شۇنىڭدەك يەنە ئۆزبېكىستان قانۇن دائىرىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئۆزبېكىستان كۆرسەتكەن نۇقتىلار بويىچە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ بازىسىنىڭ بار يوقلۇق ئەھۋالى ئۈستىدە بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق نۇقتىلارنىڭ قىرغىزىستاندىن تېپىلمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسمائىل ئىسساقوپ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى كۆرسەتكەن ئاتالمىش تېررورچىلارنى تەربىيىلىگەن " تەكە " ناملىق ھەربىي-تەلىم تەربىيە مەركىزى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ ئورۇننىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە بۇ جاينىڭ پەقەت قىرغىزىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆز قوشۇنلىرىغا ھەربىي-تەلىم تەربىيە بېرىدىغان نۇقتىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەر قاچان قوغدىغۇچى قوشۇنلار تەرىپىدىن قوغدىلىنىدىغانلىقى شۇنىڭدەك دىنىي رادىكاللار تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.
قىرغىزىستان مىللىي بىخەتەرلىك ئورگىنىمۇ ئۆزبېكىستان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ جايدا ئەنجان ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىلارنىڭ تەربىيەلەنگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسىدىكى " تېررورچىلار" 20 - سېنتەبىردىن باشلاپ سوتلايدۇ
- ئۆزبېكىستان ئەنجان ۋەقەسىدە قىرغىزىستاننىڭ قولى بار، دەپ ئەيىپلىدى
- قازاقىستان قىرغىزلارنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە قوشۇلدى
- قىرغىزىستان دائىرىلىرى، قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى