قىرغىزىستان سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزاسى تىنچبېك ئاخماتبايېۋنى ئۆلتۈرۈشكە قاتناشقان دەپ ئەيىبلىگەن 3 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بەردى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان نۆۋەتتە ئۆلۈم جازاسىنى كېچىكتۈرۈش بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇۋاتقان بولغاچقا، يېۋگېنىي گولوۋىن، ئەزمەت زاكىروف ۋە رۇستان ئابدۇلىن قاتارلىق بۇ 3 كىشىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ھازىرچە ئىجرا قىلمايدىكەن.
گەرچە بۇ بەلگىلىمە 1998- يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى داۋاملىق تۈردە جىنايەتچىلەرنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردە، بۇ 3 كىشىنىڭ چېچەن ۋە تاجىك مىللىتىدىن ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. سوت يەنە ئاخماتبايېۋنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بولغان 35 كىشىنى تۈرمىگە تاشلاپ، ئۇلارغا ئوخشىمىغان كېسىم جازاسى بەرگەن.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، قىرغىزىستاننى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلانمىغان، بولۇپمۇ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىۋاتقان ئاساسلىق دۆلەتلەردىن بىرى دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ دۆلەت يەنىلا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)
