قازاقىستان ۋە خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، يېقىندا قازاقىستان ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قازاق تىلىدا " كۆرشى" يەنى "ئىناق قوشنا" مەنىسىدىكى ئۇنىۋېرسال ژۇرنال نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىشقا باشلىغان.
تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر جۇرنالغا شىنجاڭ چەت ئەللەر بىلەن ئالاقە باغلاش جەمئىيىتى بىلەن قازاقىستان دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىنىڭ مەنىۋى مىراسلار جەمئىيىتى بىرلەشمە ئىگىدارچىلىق قىلغان بولۇپ، قازاق تىلىدا ئايدا بىر سان چىقىرىلىدىكەن. 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە مەزكۇر جۇرنالنىڭ رەسمىي نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا مۇرات ئاۋىزوپ قاتارلىق قازاقىستان دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئىلىم ساھەسىدىكى ئەربابلار شۇنىڭدەك خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسى قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلغان.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ژۇرنالدا خىتاينىڭ سىياسىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەھۋالى، مەدەنىيىتى ۋە باشقا كۆپلىگەن ئەھۋاللىرى تونۇشتۇرۇلۇشى ئاساس قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىگ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىدىغان مەخسۇس چەتئەللەرگە خىتاينى تەشۋىق قىلىدىغان تۇنجى جۇرنال بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە قارىتىلغان تەشۋىقاتنى كۈچەيتكەن بولۇپ، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى تارقىتىش، مەدەنىيەت ھەپتىسى ئۆتكۈزۈش، سەنئەت ئۆمەكلىرىنى ئەۋەتىش قاتارلىق تۈرلۈك ئۇسۇللارنى پايدىلانماقتا. (ئۈمىدۋار)