سەيشەنبە كۈنى ئەنگلىيىلىك 150 يېقىن ئەسكىرى قازاق ھەربىي قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي مانىۋېرغا قاتنىشىش ئۈچۈن قازاقىستانغا يېتىپ كەلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئالمۇتىدىن خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستانىنىڭ تۇپراق پۈتۈنلۈكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان بۇ قېتىمقى ھەربىي مانىۋېر 10 كۈن داۋاملىشىدىكەن.
قازاقىستاندىكى ئەنگلىيە باش ئەلچىخانىسى خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي مانىۋېر جەريانىدا، ئەنگلىيە ئۈچىنچى دىۋىزىيەسى قىسىملىرىدىن تەشكىل تاپقان ئەسكەرلەر، ھەرىكەتچان ھاۋا مۇداپىئە قىسمى بىلەن بىرلىكتە ھەربىي ئىشغال ھەرىكىتى ۋە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىدىغان ھۇجۇم قاتارلىق تەھدىدلەرگە قارشى تۇرۇش تاكتىكىلىرىنى مەشىق قىلىدىكەن. ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ ھەربىي مانىۋېر ئەنگلىيە ۋە قازاقىستان ھەربىي قىسىملىرى بىرلىكتە ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق ھەربىي مانىۋېر ھېسابلىنىدۇ.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى، يېقىنقى يىللاردىن بىرى قازاقىستان ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە كۈچىنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا. (قانات)