جەنۇبىي كورىيە پرىزدېنتى رو- مۇ- خيۇن يەكشەنبە كۈنى قازاقىستان پايتەختى ئاستانائىغا كېلىپ، قازاقىستان بىلەن رۇسىيىگە قىلىدىغان زىيارىتىنىڭ تۇنجى بېكىتىنى ئالدى بىلەن قازاقىستاندىن باشلىدى.
نېفىت - ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىغا قازاقىستان بازىرىنىڭ يولىنى ئېچىش، رو- مۇ - خيۇننىڭ قازاقىستاندىكى زىيارىتىنىڭ ئاساسى كۈنتەرتىپىنى ئىگىلەيدۇ. جەنۇبىي كورىيە دۇنيا بويىچە 11 -چوڭ ئىقتىسادى دۆلەت. جەنۇبىي كورىيە ئۆزىگە كېرەكلىك خام ئەشيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى سىرتتىن ئىمپورت قىلىدۇ. نېفىت ئىمپورتىنىڭ ئاساسى قىسىمى ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدۇ. رو - مۇ خيۇن، قازاقىستاندىكى زىيارىتى جەريانىدا پرېزىدېنت نازاربايوف سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، قازاقىستاندىكى كورىيىلىك كۆچمەنلەر ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلىدۇ.
قازاقىستاندىكى كورىيىلىك كۆچمەنلەر، 1937 - يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دىكتاتورى جوسېف ستالىن دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان. جەنۇبىي كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بان كى - مۇن، قازاقىستاننىڭ جەنۇبىي كورىيەنى تەبىئىي بايلىقلار بىلەن، جەنۇبىي كورىيەنىڭ قازاقىستاننى تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش جەھەتتە ئارتۇقچىلىققا ئىگىلىكىنى تەكىتلىگەن. جەنۇبىي كورىيە قازاقىستاندىن ئۇرانيۇم ئىمپورت قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جەنۇبىي كورىيە نېفىت شىركەتلىرى، قازاقىستاننىڭ مۇنايگاز شىركىتى بىلەن كەسپىي دېڭىز نېفىتلىكىگە مەبلەغ سېلىش ئۈمىدىنى ئىپادىلىمەكتە. جەنۇبىي كورىيە پرىزدېنتىنىڭ قازاقىستاندىن كېيىن رۇسىيىگە قىلىدىغان زىيارىتى دۈشەنبە كۈنى باشلىنىدۇ. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بان كى- مۇن، شىمالى كورىيە مەسىلىسى جەنۇبىي كورىيە پرىزدېنتىنىڭ موسكۋادىكى زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلە ھىسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. (ئەركىن)