30 - ئاپرىل دۈشەنبە كۈنى، قازاقىستان بىلەن ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيە توختىمى تۈزدى. قازاقىستان دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيە شىركىتى مەسئۇلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر توختام قازاقىستاننىڭ ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىدىغان ئۇران مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولغان 24 تۈرنى ئوز ئىچىگە ئالىدىكەن.
قازاقىستان دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيە شىركىتى KazAtomProm نىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، توختام ياپونىيە سودا مىنىستىرى ئاكىرا ئامارى ۋە ياپونىيە ئاتوم ئېنېرگىيە سودا شىركەتلىرى خادىملىرىنىڭ قازاقىستان زىيارىتى جەريانىدا تۈزۈلگەن ئىكەن.
ياپونىيىدە تەبىي بايلىقلار ئىنتايىن كەمچىل بولۇپ، توك ئىشلەپچىقىرىش ئاساسەن ئاتوم ئېنېرگىيىسىگە تايىنىدۇ.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 30 - ئاپرىل قازاقىستاندىن بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، قازاقىستاننىڭ ياپونىيىگە ئېكسپورت قىلىدىغان ئۇران تەمىناتى 2010 - يىلىغا بارغاندا 4 مىڭ توننىغا يېقىنلىشىپ ياپونىيە ئۇران ئېھتىياجىنىڭ 40 پىرسەنتىنى تەمىن ئېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا قازاقىستان، ئامېرىكا، خىتاي، جەنۇبىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئۇران ساتىدۇ.
قازاقىستاننىڭ 2006- يىللىق ئۇران ئىشلەپچىقىرىش مەھسۇلات مىقدارى 5مىڭ 279 توننا ئەتراپىدا بولۇپ، 2010 - يىلىغا كەلگەندە 7 مىڭ 646 توننىغا يەتكۈزۈش پىلانلانغان.
ئۆتكەن يىلى، قازاقىستاننىڭ كازاتومپروم ئېنېرگىيە شىركىتى ياپونىيە كانسائى ئېلېكتىر ئېنېرگىيسى شىركىتى ۋە سۇمىتومو شىركىتى بىلەن جەنۇبىي قازاقىستاندا ھەمكارلىشىپ ئۇران كانى ئېچىش توختىمى تۈزگەن ئىدى. (جۈمە)