ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيە دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستانغا رۇس ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا يول ئاچىدىغان بىر ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر ھەربىي ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن، ئۆزبېكىستان سوتى 15 كىشىنى بۇ يىل ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن دەپ ئەيىبلەپ، ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇلارنى 14 يىلدىن 20 يىلىغىچە قاماق جازاسى بىلەن جازالىدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزبېكىستان سوتىنىڭ بۇ ھۆكمىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، سوتنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى بايان قىلماقتا.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم، كرىمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق بىر مۇراسىمدا پرېزىدېنت پۇتىن ۋە ئىسلام كېرىموف تەرىپىدىن ئىمزالانغان. كېلىشىمنى ئىمزالاشتىن بۇرۇن ئىسلام كېرىموف، رۇسىيىگە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتىپ، بۇ كېلىشىم بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مىسلى كۆرۆلمىگەن دەرىجىدە يېقىنلىشىدىغانلىقىنى ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىغانلىقىدىن ھېچقاچان پۇشايمان بولمايدىغانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك دوستى ۋە ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

كېلىشىمدە، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تەقدىردە بىر- بىرىگە ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر- بىرىنىڭ تېرىتورىيىسىدىكى ھەربىي بازىلاردىن پايدىلىنالايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. (قانات)