ئۆزبېك پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف كىلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسلام كەرىموف خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كىلەر چارشەنبە كۈنىدىن - جۈمە كۈنىگىچە خىتاينى زىيارەت قىلىدىكەن.

ئەمما خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۇنىڭ سەپىرىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋە كۈنتەرتىپىنى ئاشكارىلىمىدى.

نۆۋەتتە ئۆزبېكىستاندىكى مۇقىمسىز ۋەزىيەت داۋاملاشماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجاندىكى خەلق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)