كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى كېرىموف ھۆكۈمىتىنى "قەتلىئام" ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىپلىدى


2005.06.07

مەركىزى ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئېلىپ بارغان ئەنجاندىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى "قەتلىئام،" دەپ ئەيىپلىدى. مەزكۇر ئورگان، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە يول قويغانغا قەدەر، كېرىموف ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختۇتۇش كېرەك، دەپ چاقىردى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى كېنىس روس، " ئۆلتۈرۈلگەنلەر سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ بىپەرۋالىقىنى قەتلىئام، دەپ چۈشەندۈرۈش مۇمكىن،" دەپ كۆرسەتتى. روس، ئامېرىكىنىڭ تاشكەنت بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان ئۆزبېكىستاندا دائىمى ھەربىي بازا قۇرۇش سۆھبىتىنى توڭلىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، " بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەمكارلىقىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز،" دېدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك كۈچلىرى پۇقرالارغا قالايمىقان ئوق چىقارغان.

كېرىموف ھۆكۈمىتى ئەنجاندىكى ئىسياننى باستۇرۇش جەريانىدا ئۆلگەن 173 كىشىنىڭ ھەربىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 700 دىن ئاشىدىكەن.

روسنىڭ تەكىتلىشىچە، نامايىشچىلارنى تارقىتىۋېتىشكە بارغان قىسىملار، مەركىزى مەيداندىكى 300 كىشىلىك نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى ئېتىپ تاشلىغان. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى پۈتۈنلەي توغرا ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. پرېزىدېنت كېرىموف، ئەنجاندىكى ئىسياننى ئەسەبىي دىنىي كۈچلەر قوزغىدى، دەپ جاكارلىغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.