رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف 14- نويابىر كۈنى موسكۋانى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى مەسىلىسىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىدۇ. رۇسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، ئىسلام كېرىموف بۇ قېتىم ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن رۇسىيە-ئۆزبېكىستان ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسىگە قول قويىدىكەن. بۇ شەرتنامە 2004-يىلى تۈزۈلگەن ئۆزبېكىستان-رۇسىيە ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزبېكىستان بىلەن رۇسىيىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقتىن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، مۇناسىۋەت تېخىمۇ قويۇقلىشىدىكەن.
ئامېرىكىدا ياشايدىغان ئۆزبېكىستان ئۆكتىچى سىياسىيونلىرى ئىسلام كېرىموف بىلەن ۋلادىمىر پۇتىن ئارىسىدا تۈزۈلىدىغان ئىتتىپاقداشلىق كېلىشىمىنى، ئىسلام كېرىموفنىڭ ئۆزبېكىستاننى قايتىدىن رۇسىيىنىڭ كونتروللۇقىغا باغلاش شۇنىڭدەك ئۇنىڭ رۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش ئارقىلىق دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىشى دەپ قارىماقتا. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزبېكىستان رۇسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئۈمىدۋار)
