موسكۋا - بېيجىڭ - ۋاشىنگتون ئارىسىدىكى ئويۇنچى

ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنى تېخى يېقىندىلا قولغا ئالغان مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھاكىمىيەت سۈرگەن دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىغان ئىسلام ئابدۇغېنى ئوغلى كەرىموف 5-6-فېۋرال كۈنلىرى موسكۋادا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن يېپىق ۋە ئاشكارا شەكىللەردە سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە مەزكۇر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا يەنە بىر قاتار كېلىشىملەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

تاشكەنت موسكۋا بىلەن بىرلىكتە ئايروپىلان ياسايدۇ

رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن بىلەن كەرىموف بىرلەشمە بايانات ئىمزالىغاندىن سىرت يەنە رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى 2008-2012-يىللىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مۇراسىملار پىلانى شۇنىڭدەك ئىككى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىقلىرىنىڭ 2008-يىللىق ھەمكارلىق پروگراممىسى قاتارلىقلارنى ئىمزالىدى.

رۇسىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن مۇھىم ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنىڭ بىرى چكالوۋ نامىدىكى تاشكەنت ئاۋىئاتسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش گۇرۇھى بىلەن رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش گۇرۇھىنى بىرلەشتۈرۈش كېلىشىمى بولۇپ، ئىسلام كەرىموف تاشكەنت ئاۋىئاتسىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئەمدى رۇسىيە ئاۋىئاتسىيە قۇرۇلۇش شىركىتى تەركىبىگە كىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئىتارتاسنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۆھبەتلەردىن كېيىن پۇتىن بىلەن كەرىموف مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ھەمدە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە ساغلام تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.

تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ

پەرغانە ئۇچۇر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلام كەرىموفنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىدىن بىرى رۇسىيە بىلەن بولغان تەبىئىي گاز ھەمكارلىقى مەسىلىسىدۇر. ئۆتكەن يىلى رۇسىيە، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ھەم ئۆزبېكىستان ئارىسىدا تۈزۈلگەن كاسپى دېڭىزىنى بويلاپ رۇسىيىگە تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش شۇنىڭدەك مەۋجۇت گاز تۇرۇبىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېلىشىمىگە بىنائەن قازاقىستان گازىنىڭ ئۆزبېكىستاندىن ئۆتۈش باھاسى بۇ قېتىم مەزكۇر ئىككى پرېزىدېنتنىڭ سۆھبەت تېمىلىرىدىن ئورۇن ئالغان.

پرېزىدېنت كەرىموف پۇتىندىن رۇسىيىگە ئەۋەتىدىغان گازنىڭ باھاسى ھەمدە ئۆزبېكىستان ئارقىلىق ئۆتىدىغان گازنىڭ ئۆتۈش باھاسىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. چۈنكى، رۇسىيە ئۆزبېكىستان گازىنىڭ ھەر مىڭ كۇبمېتىرى ئۈچۈن 130 دوللار بەرگەن بولسا، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا 160 دوللارغا ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما، ئۆزبېكىستاندىن ئۆتىدىغان گازنىڭ ھەر مىڭ كۇبمېتىرىغا قانچە ئېلىنىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان ئارىسىدا 2007-يىلى تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تەبىئىي گازلىرى تۈركمەنىستاندىن كاسپى دېڭىزىنى بويلاپ ياسالغان تۇرۇبا ئارقىلىق رۇسىيىگە ماڭدۇرۇلۇپ، توشۇش مىقدارىنى ھەر يىلى 20 مىليارد كۇبمېتىرغ يەتكۈزۈش پىلانلانغان.

ئىسلام كەرىموف ۋاشىنگتون-موسكۋا ۋە بېيجىڭ ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق يارىتالامدۇ

2005-يىلىدىكى ئەنجان قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزبېكىستان ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تەنقىدكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆزبېكىستان بىردىنلا خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى سوغۇقلاشتۇرۇپ قويدى جۈملىدىن ئۆزبېكىستاندىكى كۆپلىگەن خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى، ئۇچۇر ئاگېنتلىقلىرىنى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسىنى تاقىدى . ئۆزبېكىستان خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ھەمدە ئامېرىكىدىكى ئەركىنلىك ئۆيى تەرىپىدىن دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق چېكىنىپ كەتكەن مەملىكەت قاتارىدا تەنقىد قىلىندى. ئەمما، پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف بۇ قېتىم 3-نۆۋەت پرېزىدېنتلىق ئورنىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى شۇنىڭدەك غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بەزى ئىلگىرىلەشلەرنى ئېلىپ باردى.

سابىق ئۆزبېكىستان پارلامېنتنىڭ ئەزاسى، ھازىر ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان جاھانگىر مەمەتوفنىڭ قارىشىچە، ئىسلام كەرىموف باشتا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بىردىنلا سوغۇقلاشتۇرۇپ قويغان بولسا، مانا ئەمدى پوزىتسىيىسىدە بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇ، رۇسىيە، خىتاي ۋە غەرب بىلەن كۆپ قىرلىق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلار ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇق پەيدا قىلىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن. كەرىموفنىڭ موسكۋا زىيارىتى بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ 3-قېتىملىق پرېزىدېنتلىق مۆھلىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى مەقسەت قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۆزىنىڭ يەنىلا رۇسىيە بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ قويۇشتىن ئىبارەت.

كەرىموف يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، خىتاي بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ۋە ئايرىم ھالدا ئىقتىسادىي كېلىشىملەرنى جۈملىدىن تەبىئىي گاز كېلىشىمى تۈزۈپ، خىتاي بىلەن ئۆزبېكىستان ئارىسىدا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشقا پۈتۈشكەن شۇنىڭدەك يەنە خىتاي بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىپ، خىتاينىڭ سىياسىي مۇقىملىقى، زېمىن پۈتۈنلىكىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)