ئۆتكەن جۈمە كۈنى كەشمىرنىڭ پايتەختى جامبۇل شەھرىنىڭ 100 كىلومېتىر شىمالىدىكى بىر مەھەللىدە قار كۆچۈش يۈز بېرىپ 38 ئادەم ئۆلگەن. مەھەللىدىكى بىر قىسىم ئۆيلەر قارنىڭ تېگىدە قالغان.
يېڭى زىللاندىيە گېزىتلىرىدا خەۋەر قىلىشىچە، كەشمىردە يۈز بەرگەن قار كۆچۈش سەۋەبىدىن شۇ رايوندىكى مۇھىم يوللاردا قاتناش ئۆكسۈپ قالغان. بىر يېرىم كىلومېترلىق ئۇزۇنلۇقتىكى جاۋاھىر تونىلى تاقىلىپ كەتكەن. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتىدە پاكىستاننىڭمۇ بەزى جايلىرىدا قار كۆچۈش ئاپىتى يۈز بەرسە، يەنە بەزى جايلىرىدا كۆللەر تېشىپ سۇ ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى.
پاكىستان دائىرىلىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، پاكىستاندا ئۆتكەن ھەپتىدە يۈز بەرگەن قار كۆچۈش ۋە كۆل تېشىش ئاپەتلىرىدە 340 ئادەم ئۆلگەن، 1500 ئادەم قۇتقۇزىۋېلىنغان. 35 مەھەللىدە يەنە 400 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئىز- دېرىكى يوق.
2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى فرانسىيە تارقاتقان يەر شارى خاراكتېرلىق ئاگاھلاندۇرۇشتا، دۇنيانىڭ تاغلىق رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش ھادىسىلىرى بولۇۋاتقانلىقى، بۇنداق ھادىسىنىڭ قار كۆچۈش، يەر تەۋرەش، كۆل تېشىش ئاپەتلىرىگە سەۋەبچى بولۇشى مۇمكىنلىكى بايان قىلىنغان.
بۇ ئاگاھلاندۇرشتا يەنە 2004 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شەرقى جەنۇبى ئاسىيادا دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ 284 مىڭ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ئالاھىدە مېسال قىلىنغان. بىر قىسىم ئالىملارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشىچە، ئەگەر يەر شارىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەش مۇشۇنداق داۋام قىلىۋەرسە، يەنە 50 يىلدا ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىكى قارلىقلاردا قار كۆچۈش، مۇزلۇقلاردا مۇز چۆكۈش ھادىسىلىرى يۈز بېرىپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا چوڭ ئاپەت يۈز بېرىشى مۇمكىن. (ۋەلى)