ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتاي ماللىرىنى توپ ۋە پارچە ساتىدىغان ئەڭ چوڭ سودا مەركىزى 2004 - يىلى 10 - ئايدا قىرغىزىستان پايتەختى بېشكەك شەھىرىدە ئېچىلماقچى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، "بۈيۈك تاڭ خىتاي ماللىرىنى تارقىتىش مەركىزى" دەپ نام بېرىلگەن بۇ سودا مەركىزىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دادﯤ شىركىتى بىلەن قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىرلىشىپ قۇرغان.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مەزكۇر سودا مەركىزى خەلقئارا ئۆي جاھازىلىرى شەھەرچىسى، ئېلېكتر-ئۇچۇر سايمانلىرى شەھەرچىسى ، خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى، خەلقئارا قۇرۇلۇش ئەشيالىرى شەھەرچىسى قاتارلىق كىچىك شەھەرچىلەردىن تۈزۈلگەن.
خىتاي دائىرىلىرى، "بۈيۈك تاڭ خىتاي ماللىرىنى تارقىتىش مەركىزى" نى ئېچىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئىگىلەش ۋە خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى كارخانىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئەمما چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى،مەزكۇر سودا مەركىزىنىڭ ئېچىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېغىر بېسىم ئاستىدا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ تىجارىتىنىڭ تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (ئارزۇ)