كۆچمەن ئەمگەك كۈچى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلمەكتە

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ئېغىر ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ۋە ئاھالىلارنىڭ تۆۋەن كىرىمى ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قامدىيالماسلىقىدەك ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ سەۋەبتىن كۆپلىگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار چەت مەملىكەتلەرگە چىقىپ ئىشلەشكە يۈزلەنمەكتە.

قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، چەت' ئەللەرگە چىقىپ ئىشلەۋاتقان قىرغىزىستانلىقلارنىڭ سانى 400 مىڭدىن ئارتۇق بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىي سان بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئىكەن.

قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، رۇسىيىدە 500 مىڭ، قازاقىستاندا 165 مىڭ، تۈركىيە ۋە بىر قىسىم غەرب مەملىكەتلىرىدە تەخمىنەن 20 مىڭدىن 50 مىڭغىچە قىرغىزىستانلىق ھەر خىل كەسىپ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ۋەتىنىدىكى قېرىنداشلىرىغا ياردەم بەرمەكتە. تەخمىن قىلىنىشىچە، بۇ كۆچمەن ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يىللىق ئومۇمى كىرىمى 520 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھېسابىدا بولۇپ، قىرغىزىستاننىڭ يىللىق دۆلەت خامچوتىنىڭ مىقدارىدىن ئېشىپ كەتكەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۆزبېكىستاندا ئىشسىزلىق ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 200 مىڭدىن ئارتۇق ئۆزبېكىستانلىق قازاقىستانغا بېرىپ ئىشلەشكە مەجبۇر بولغان. چۈنكى بۇ ئادەملەر ئۆز مەملىكىتىدە ئايدا 20 دوللار تاپسا، قازاقىستاندا تەخمىنەن 150 دوللار تېپىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي ئامىلغا ئايلانغان مەزكۇر كۆچمەن ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەققىدە قازاقىستان ۋە ياكى ئۆزبېكىستان ھېچقانداق قانۇنىي نىزاملارنى بېكىتمىگەن. قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەمگەك كۈچلىرىنى دائىم ھەيدەپ چىقىرىدىغان ئىشلارنىمۇ سادىر قىلغان. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ ئامىلغا نىسبەتەن قاتتىق چارىلەرنى قوللانغان. لېكىن، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنىڭ چەت مەملىكەتلەرگە چىقىپ ئىشلىشىنى قوللاش پوزىتسىيىدە بولماقتا. (ئۈمىدۋار)