0:00 / 0:00
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ جۇمھۇرىيەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى تەخمىنەن 50 مىڭ دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئىچىدىن جۇمھۇرىيەتكە ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا كەڭ تونۇلغان ئەربابلار يېتىشىپ چىققان.
ئۇيغۇر رەسسامى تەلئەت مىررەخىموپ ئەنە شۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نامى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا سابىق سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى رەسساملىق سەنئىتى ساھەسىگە خېلىدىن بېرى تونۇشلۇق.
مودېرنىزم ئېقىمىغا مەنسۇپ بۇ ئۇيغۇر رەسسامى يېقىندا بىشكەك شەھىرىدە ئۆزىنىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى قىرغىزىستاندىكى ئاتاقلىق سىياسىي ۋە مەدەنىيەت ئەربابلىرىنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى.
بۇ ھەقتە بىشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.