ئۆزبېكىستان رەسساملىرى ئۈرۈمچىدە كۆرگەزمە پائالىيىتى ئېلىپ

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان رەسساملار ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق رەسساملار ئاكادېمىيىسى بىرلىكتە ئۈرۈمچىدە يەتتە كۈنلۈك كۆرگەزمە پائالىيىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ئۆزبېكىستان رەسساملىرىنىڭ ئەڭ نادىر ئەسەرلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ پائالىيەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رامكىسى ئاستىدىكى مەدەنىيەت ئالاقىلىرى كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئۆزبېكىستان رەسساملىرى ئىچىدە ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسسامى لېكىم ئىبراھىموپمۇ بار بولۇپ، قازاقىستاندا ئۆسۈپ يېتىلىپ، تاشكەنتتە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزكۇر ئۇيغۇر رەسسامى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۈملىدىن ياۋروپا رەسساملىق ساھەسىگە ياخشى تونۇلغاندۇر. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى غەرب مەملىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، لېكىم ئىبراھىموپ مىڭ ئۆي تام رەسىملىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئۇنى ئۇسلۇبى تەتقىق قىلىشقىمۇ ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئىكەن.

ئۆزبېكىستان رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئاتاقلىق ئۇيغۇر رەسساملىرىدىن غازى ئەمەت، كېرىم نەسىرىدىن قاتارلىقلارنىڭمۇ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر- ئۆزبېك سەنئەتكارلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. (ئۈمىدۋار)