ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى قىرغىزىستاننى زىيارەت قىلماقچى
2007.06.03
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى 6-ئاينىڭ باشلىرىدا قىرغىزىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولماقچى. قىرغىزىستان ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيت مەزكۇر سەپىرى ئارقىلىق ئامېرىكا-قىرغىزىستان بىخەتەرلىكى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
روبەرت گېيت مەزكۇر سەپىرىدە بىشكەك ماناس ئايرودرومىدىكى " گەنسى" ناملىق ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى زىيارەت قىلىپ، كوماندىر-ئەسكەرلەر بىلەن كۆرىشىدىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ روبېرت گەيتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا ئېلىپ بارغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد بىر قانچە قېتىم قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ دەۋرىدە ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ھەربىي بازىلىرى قۇرۇلغان ئىدى.
يېقىندا قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا بازىسىدىكى بىر ئەسكەرنىڭ بىر قىرغىز پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشى بىلەن بىر قاتار ئىختىلاپلار كېلىپ چىققان ھەتتا بىر قىسىم قىرغىز سىياسىيونلىرى مەزكۇر بازىنى تاقاش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. شەنبە كۈنى بىشكەكتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى قاتناشقان كىچىك كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى بولغان ئىكەن.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئاستانا خىتابنامىسى ئارقىلىق ئامېرىكا بازىلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بۇ يىل 7-ئايدا بىشكەكتە يىغىن ئېچىپ، يەنە بىر قاتار يېڭى قارارلارنى ئالماقچى ئىكەن. كۆزەتكۈچىلەر شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىشقا قارىتىلغانلىقىنى دائىم تەكىتلىمەكتە. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قۇلۇپنىڭ قىرغىزىستاننى رۇسىيىگە قېتىش تەكلىپى مەركىزى ئاسىيالىقلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى
- خىتاي قىرغىزىستانغا شاڭخەي گۇرۇھىنىڭ يىغىنىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغداش تەكلىپىنى بەردى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيانىڭ بىرلىشىشىنى خالايدۇ
- قىرغىزىستاندا قولغا ئېلىنغان سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت رەھبەرلىرى قويۇپ بېرىلدى
- قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت
- دېمۇكىراتىيە ۋە نامايىشلار ھەققىدە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
- قىرغىزىستاندا ئۆكتىچى ھەرىكەت رەھبەرلىرى سوراق قىلىنماقتا
- قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملاشماقتا
- قىرغىزىستاندا ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىك مەركىزى - قىرغىزىستان