ئىسسىق كۆلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى


2007.05.29

"ئىسسىق كۆل 2007، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش " دەپ ئاتالغان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئىسسىق كۆل بويىدا باشلاندى. ئۈچ كۈنگە سوزۇلىدىغان مەزكۇر مانېۋىرغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانلارنىڭ ساقچى ھەم بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ خادىملىرى ئىشتىراك قىلغان.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ قىرغىزىستان مىللىي بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مەزكۇر مانېۋىر ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ جەرياندا شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ساھەسى تېررورلۇق تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىش، دۆلەت چېگرىلىرىنى مۇداپىئە قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ھەمكارلىق شەكىللىرىنى مانېۋىر قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە ھەربىي قىسىملارمۇ قاتناشتۇرۇلۇپ، تېررورچى گۇرۇپپىلارنى قامال قىلىش ، يوقىتىش ھەمدە گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئازاد قىلىش قاتارلىق ھەربىي ئوپېراتسىيىلىرىنى ئۆتكۈزۈشمۇ پىلانلانغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ مانېۋىرغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن باشقا يەنە رۇسىيىنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ تېررورىزمغا قارشى مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى قاتناشتۇرغان. بۇلاردىن باشقا يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كۆزەتكۈچىلىك سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن پاكىستان، ئىران، ھىندىستان ۋە موڭغۇلىيىمۇ ئۆزلىرىنىڭ كۆزەتكۈچى ۋەكىللىرىنى ئەۋەتكەن.

يېقىندا ئۈرۈمچىدە شاڭخەي ھەمكارلىقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ يىغىنى بولۇپ ئۆتكەن ئىدى، مەزكۇر يىغىندا بۇ يىل 7-ئايدا رۇسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان شۇنىڭدەك يەنە, دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات-ئۇچۇر ئىشلىرى بويىچە ھەمكارلىق يىغىنى بولۇپ ئۆتتى. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.