رۇسىيە، ئۆزبېكىستان ۋە ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدۇ

دۈشەنبە كۈنى، رۇسىيە مۇداپىئە مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋىياچىسلا سېدوف، رۇسىيىنىڭ كىلەر ھەپتە ئۆزبېكىستان ۋە ھىندىستاندا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە، 21 - سېنتەبىردىن 23 - سېنتەبىرگىچە ئۆزبېكىستان بىلەن ۋە -10 ئۆكتەبىردىن 20 - ئۆكتەبىرگىچە ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارىدىكەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مانېۋىر ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان. لېكىن مانېۋىرنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھىندىستان ھەربىي دائىرىلىرى، رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي مانېۋىرغا ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مانېۋىرنىڭ ھىندىستاننىڭ پاكىستان چېگرىسىغا يېقىن رايوندا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندىستان يېقىندا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا كۈزەتكۈچى ئەزا ئۇرنىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى. (قانات)