تۈركمەنىستان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن چىقىپ كەتتى

رۇسىيىنىڭ lénta.ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيىتى 13 يىلدىن بۇيان ئەزا بولغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن رەسمى چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن يىللىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان.

تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىغا ئۆزى بىۋاستە قاتناشماي ، پەقەت مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنى ئەۋەتكەن. تۈركمەنىستاننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەسلىدىن لىڭشىپ قالغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا سەلبىي تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى قانداق قىلىپ، تۈركمەنىستاننى مەزكۇر تەشكىلات تەركىبىدە ساقلاپ قېلىشنى مۇزاكىرە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىگەن. دېمەك ، تۈركمەنىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىپ كەتكەن دۆلەتكە ئايلاندى.

مۇلاھىزىچىلەر سەپەر مۇرات نىيازوپنىڭ بۇ قەدىمىنىڭ باشقا مەملىكەتلەرنىڭمۇ موسكۋانىڭ تەسىرى ئاستىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك رول ئوينىشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. (ئۈمىدۋار)