قىرغىزىستان-خىتاي-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىغا خىتاي شىركەتلىرى جەلىپ قىلىندى

قىرغىزىستاننىڭ دۆلەتلىك " قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىرغىزىستان ھەم ئۆزبېكىستاننى تۇتاشتۇرىدىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى خىتاي-قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن قارارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، خىتاي شىركەتلىرى بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

قىرغىزىستان دۆلەتلىك تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قىدىربېك ئىسايېۋنىڭ ئېلان قىلىشىچە، خىتاينىڭ " بېيجىڭ ف س ل" دەپ ئاتالغان خەلقئارا سودا شىركىتىنىڭ باشلىقى قىرغىزىستان تەرەپكە بىر قانچە چوڭ خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر تۆمۈر يولنىڭ قاراسۇ-ئارپا ۋە تورغات قىسىمىنى ياساشقا تەييار بولۇپ، بىرلەشكەنلىكىنى شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قەرز ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

مەزكۇر تۆمۈر يولنىڭ قىرغىزىستاندىكى قىسىمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 300-340 كىلومېتىر بولۇپ، بىشكەك بۇ قۇرۇلۇشتىكى مەبلەغ مەسىلىسىدە قىيىنچىلىق ھېس قىلغانلىقتىن خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇھتاجلىقىنى ئىزچىل بىلدۈرمەكتە. (ئۈمىدۋار)