قىرغىزىستان دۆلەت ئىشلىرى سېكرىتارى ئادخان مادماروپ، ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىشلىرى بويىچە كومىسسارى رولف ئېكەئۇسنى قوبۇل قىلغاندا، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ فېدېرال مەملىكەت ئەمەسلىكى تۈپەيلىدىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلىغا رەسمى سالاھىيەت بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قىرغىزىستاننىڭ قابار ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان دۆلەت ئىشلىرى سېكرىتارى جالال ئاباد ۋە ئوش ئوبلاستلىرىدىكى ئۆزبېكلەرنىڭ ئۆزبەك تىلىنى قىرغىزىستاندىكى رەسمى تىللارنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتىش تەلىپىنى رەت قىلىپ، قىرغىزىستاندا پەقەت قىرغىز ۋە رۇس تىللىرىغىلا ئاساسىي قانۇن بويىچە رەسمى تىللىق سالاھىيەت بېرىلگەنلىكىنى، ئەگەردە بۈگۈنكى كۈندە ئۆزبەك تىلىنى رەسمى ھۆكۈمەت تىلى قىلىپ بېكىتكەندە ئەتە-ئۆگۈن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ شۇنداق تەلەپ قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
27-ماي كۈنى جالال ئاباد ئوبلاستىدا 700 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ئۆزبېكلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشى يۈز بەرگەن بولۇپ، نامايىشچىلار بىشكەك دائىرىلىرىدىن ئۆزبەك تىلىنى رەسمى ھۆكۈمەت تىللىرىنىڭ بىرى قىلىپ ئىشلىتىشنى شۇنىڭدەك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئۆزبېكلەرنى ئىشقا ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ۋەكىلى ئەشۇ رايونغا بېرىپ، ئۆزبېكلەرنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ، بۇ مەسىلە ھەققىدە قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىلەن سۆزلەشكەن ئىدى.
قىرغىزىستان دۆلەت ئىشلىرى سېكرىتارى مادۇماروپ سۆزىدە ئۆزبېك تىلىغا سالاھىيەت بېرىشنى قەتئىي رەت قىلىش بىلەن بىرگە قوشنا ئۆزبېكىستاندا ياشايدىغان قىرغىزلارغا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىن ھېچقانداق سالاھىيەت بەرمىگەنلىكىنى مىسال ۋە سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشقان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا تەخمىنەن 800 مىڭ ئەتراپىدا ئۆزبېكلەر ياشايدىكەن. ( ئۈمىدۋار)
