مۇھەممەد سالىخ: خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت


2005.07.05
muhemmet-salih-rfa.gif
مۇھەممەت سالىھ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا . RFA

ئۆزبېكىستان ئەرك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئۆزبېك ئۆكتىچىلەر ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى مۇھەممەد سالىخ، سەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيىگە قارىغاندا خىتاينى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت، دەپ كۆرسەتتى.

مۇھەممەد سالىخنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايلاردا ئەتراپتىكى رايونلارغا بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا ئىگە بولۇش يولىدىكى ئىمپېريالىزىم پىكىر ئېقىمى مەۋجۇتكەن. ئۇ، خىتاينىڭ ھازىرچە ئامېرىكا ھەربىي كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسىمۇ، " ئەمما ئۇ بۇ كۈچنى بارا - بارا يېتىلدۈرمەكتە،" دەپ كۆرسەتتى. مۇھەممەد سالىخنىڭ تەكىتلىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش مۇستەقىل دۆلەتلەرنى ئاساس قىلغان تۈركىي دۆلەتلەر بىرلىگى قۇرۇپ، تاشقى سىياسەت ۋە پۇلنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، چېگرا ۋە تاموژنا توساقلىرىنى بىكار قىلىش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.

ئۇيغۇرلارنى " تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر زۇلۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان مىللەت،" دەپ تەكىتلىگەن مۇھەممەد سالىخ، ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى. مۇھەممەدە سالىخنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقى سىياسىتى خىتاي بىلەن رۇسىيىگە قايغان. ئۇ، "قولىمىزدىكى پاكىتلار ئەنجان ۋەقەسىدە ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ 4500 گە يېتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا،" دېدى شۇنداقلا پرېزىدېنت كېرىموفنى ئۆز خەلقىغە قارشى ئىرقىي تازىلاش ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىپلىدى.

مۇھەممەد سالىخ، 1993 - يىلدىن بېرى چەتئەلدە سۈرگۈن ھاياتىنى ياشىماقتا. ئۇ ئىككى ھەپتە ئىلگىرى ئامېرىكىغا كەلگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.