مۇھەممەد سالىخ، ئىسلام ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىكى ئۆزبېكىستانغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى


2005.06.30

ئۆزبېكىستان ئۆكتىچىلەر رەھبىرى مۇھەممەد سالىخ، ئەگەر ئۆزبېكىستاندا ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتى يېقىلسا، ئۆزبېكىستاننى ئىسلام ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىرى ئۆتكۈزىۋېلىشى مۇمكىن، دېگەن قاراشنىڭ توغرىلىقىنى رەت قىلدى. مۇھەممەدە سالىخ بۇ سۆزلەرنى چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا تەكىتلىدى.

مۇھەممەد سالىخ ئۆزبېكىستان ئەرك پارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئەمما ئۇ 1994 - يىلدىن بېرى چەتئەلدە سۈرگۈندە ياشىماقتا. كېرىموف ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ سىرتىدىن سوت ئېچىپ، ئۇنى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. نۆۋەتتە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان مۇھەممەد سالىخ، كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدىكى ئەيىبلەشلىرىنى " قورقۇنچلۇق ئادالەتسىزلىك،" دەپ كۆرسەتتى.

مۇخەممەت سالىخ، 13 - مايدىكى ئەنجان ۋەقەسىنى 1989 - يىلدىكى تيەنەنمىن قەتلىئامىغا سېلىشتۇرۇپ، "دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەنجاندىكى ۋەقەگە يىتەرلىك ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن،" دېدى. ئەمما ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجاندىكى پۇقرالارغا ئوق چىقارغانلىقىنى رەت قىلىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن 176 كىشىنىڭ كۆپچىلىكى تېرورچىلار، دەپ كۆرسەتمەكتە.

مۇھەممەد سالىخ مۇنداق دەيدۇ: " ئامېرىكا ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكى ئۆزبېكىستاننى ئىسلام ئەسلى دىن تەرىقەتچىلىرى ئۆتكۈزىۋېلىشى مۇمكىن، دېگەن قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. مۇھەممەد سالىخ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۆزبېكىستانغا قايتىشىنى قوللاپ، ئۆزبېكىستاندا ئەركىن ۋە ئادىل سايلام ئېلىپ بېرىشكە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.