مۇرات ناسىروفقا بېغىشلانغان ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى

28-فېۋرال كۈنى قازاقىستاننىڭ كونا پايتەختى ئالمۇتا شەھىرىدىكى جۇمھۇرىيەت سارىيىدا، ئۆتكەن يىلى 37 يېشىدا موسكۋادا قازا قىلغان مەشھۇر ئۇيغۇر كومپوزىتورى، ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفقا بېغىشلانغان كونسېرت بولۇپ ئۆتتى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۈچ مىڭ كىشىلىك بۇ زال لىق تولغان بولۇپ، كونسېرتقا رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق چولپانلىرىدىن ئالىيونا ئاپىنا، مارىنا خلېبنىكوۋا قاتارلىق ئون نەچچە ناخشىچى كېلىپ قاتنىشىپ، ناخشا ئورۇندىغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇرات ناسىروف ھايات ۋاقتىدا بىرگە ئىشلىگەن "ئا-ستۇدىيە" گۇرۇپپىسى، ئالمۇتادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ "دەرۋىشلەر " ئانسامبىلى قاتارلىقلارنىڭ ناخشىچىلىرى، ئۇيغۇر چولپانلىرىدىن دىلناز ئەخمەدىيېۋا ھەمدە مۇرات ناسىروفنىڭ ئايالى ناتالىيا بويكو قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ، مۇراتقا بېغىشلانغان ناخشىلارنى ئېيتقان.

مۇرات ناسىروفنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش ناخشا كېچىلىكى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى، ئۇيغۇر ياشلىرى جۈملىدىن مۇراتنىڭ يېقىن دوستلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، تېخى يېقىندا ئۇنىڭ ھەيكىلى ئورنىتىلغان ھەمدە ياش چولپانلارنى تاللاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، مۇرات ناسىروف نامىدىكى مۇكاپات تارقىتىلغان ئىدى.

نۆۋەتتە، رۇسىيە ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا كەڭ تونۇلغان ناخشا چولپىنى مۇرات ناسىروفنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلمەكتە. (ئۈمىدۋار)