قىرغىزىستان 29 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرىنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان بولدى


2005.06.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رۇسىيىنىڭ "خەۋەرلەر" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستان تەلەپ قىلغان 29 نەپەر مۇساپىرنى ئۆزبېكىستانئ غا قايتۇرۇپ بېرىش پىلانىنى توختىتىپ قويدى. ئەسلىدە قىرغىزىستان دائىرىلىرى تاشكەنت تەرىپىدىن 13-ماي كۈنى يۈز بەرگەن ئەندىجان ۋەقەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن مەزكۇر 29 مۇساپىرنى قايتۇرىۋېتىشكە قارار قىلغان ئىدى. ئەمما، ئۇلار خەلقارا جەمىيەتنىڭ جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىدى.

خەلقارالىق ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە ئەگەر مەزكۇر 29 نەپەر مۇساپىرنىڭ ئۆزبېكىستانئ غا قايتۇرىۋېتىلسە، ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بىشكەكنىڭ خەلقارا قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ، توغرا قارار چىقىرىشى ھەققىدە مۇراجەت قىلدى.

قىرغىزىستان "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا قىرغىزىستان ياشلىرىنىڭ "بىرگە" دەپ ئاتالغان بىر تەشكىلاتىمۇ ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ئۆزبېكىستانئ غا قايتۇرماسلىق ھەققىدە ھۆكۈمەتكە مۇراجەت قىلغان. نەتىجىدە، قىرغىزىستان ئۆز پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ مەسىلىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە ھەل قىلىشنى قارار قىلغان.

بېشكەكبۇنىڭدىن ئىلگىرى تۆت نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرىنى قايتۇرىۋەتكەن بولۇپ، بۇ ئىش خەلقارا ئىنسان ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتلىرى ھەمدە ھۆكۈمەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۆزبېك مۇساپىرلىرىمۇ ئۆزلىرىدىن ئەندىشە قىلىپ، ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننان ۋە باشقىلارغا مۇراجەتنامە يازغان .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ھازىر قىرغىزىستان تەۋەسىدە تەخمىنەن 500 ئەتراپىدا ئۆزبېك مۇساپىرى پاناھلىنىۋاتماقتا ئىكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت