قىرغىزىستان، ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ئۈچىنچى دۆلەتكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

چارشەنبە كۈنى، قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى، ماي ئېيىدا ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇشتىن كېيىن، قىرغىزىستاندا پاناھلانغان 451 نەپەر ئۆزبېك پۇقراسىنىڭ، ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لېكىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ھېلىمۇ قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك پۇقرالىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلەتمەكتە ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسى، قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ئوشتىن بېشكەك ئايرودرومىغا يۆتكەشكە باشلىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ قايسى دۆلەتكە ئەۋەتىلىدىغانلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس ئىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى كارلوس زاكاكنىنى، ھازىرقى مەقسىدىمىز ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى قىرغىزىستان سىرتىغا يۆتكەپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئاندىن ئۇلارنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت تېپىشقا تىرىشىمىز، دېدى. لېكىن، فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنىڭ سكاندانوۋىيە دۆلەتلىرى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (قانات)