خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ، ماي ئېيىدا ئەنجان شەھىرىدە يۈز بەرگەن باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، ئۆزبېكىستاندىن قېچىپ، قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى قىرغىزىستاندىن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە يۆتكىگەنلىكىدىن قاتتىق غەزەپلەنگەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، قىرغىزىستاندا قالغان 15 ئۆزبېك مۇساپىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەكتە.
ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلانىنىڭ قىرغىزىستاندا پاناھلانغان 455 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرىنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە يۈتكىگەنلىكىنى، ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق دەپ تەبىرلەپ، قاتتىق تەنقىد قىلغان.
قىرغىزىستان باش تەپتىش ياردەمچىسى نۇرلان جانالىيف، "بىز قىرغىزىستاندا قالغان 15 ئۆزبېك مۇساپىرىنى ئۆزبېكىستان قايتۇرۇپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. باش تەپتىش ئىدارىسىنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى مەيدانى بۇرۇندىن ئېنىق ئىدى" دېدى
ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى رەئىسى، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، قىرغىزىستاندا قالغان ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇش خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ بىر ھەرىكەت، چۈنكى قالغان 15 ئۆزبېك مۇساپىرىنىڭ 11 ئى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قانۇنلۇق مۇساپىر دەپ ئېتراپ قىلنغان كىشىلەر " دېدى. (قانات)