قىرغىزىستان دائىرىلىرى، ب د ت تەرىپىدىن ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇلسا تەن جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ ئاگاھلاندۇرغان 15 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىر 10 كۈن ئىچىدە 3 - بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلمىسا، ئۆزبېكىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشكەنت ھۆكۈمىتى ئۆزبېك مۇساپىرلارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش توغرىسىدا قىرغىزىستانغا قاتتىق بېسىم ئىشلەتمەكتىكەن. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ مۇساپىرلار تېررورچىلار ۋە جىنايەتچىلەر، دەپ كۆرسەتمەكتە.
بۇ يىل 13 - مايدا يۈز بەرگەن ئەنجاندىكى ۋەقەدىن كېيىن، 500 دىن ئارتۇق ئۆزبېك مۇساپىر قىرغىزىستانغا قېچىپ بېرىۋالغان ئىدى. بۇ مۇساپىرلارنىڭ 400 دىن كۆپرەكى يېقىندا رومىنىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئەمما قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئەنجان ۋەقەسىدە تۈرمىدىن قاچقان، دەپ قارالغان 15 مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلدى.
قىرغىزىستان باش تەپتىشى ئەزىمبەگ بېكنەزەروۋ، بۇ كىشىلەرنىڭ جىنايەتچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇلارغا پاناھلىق بېرىشنى خالايدىغان دۆلەت چىقمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە ئىدى.
بېكنەزەروۋ، ئەركىن ياۋروپا رادىئوسىغا " ئەگەر بۇ كىشىلەرنىڭ ئەنجان ۋەقەسىدىن ئىلگىرى نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىغا مەسئۇل بولىدىغان 3 - بىر دۆلەت چىقسا، بىز ئۇلارنى بۇ دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىمىز،"دىدى. بىراق ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ قانداق جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.
بېكنەزەروۋنىڭ تەكىتلىشىچە، قىرغىزىستان بۇ كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان بىر دۆلەتنىڭ چىقىشىنى كۈتمەكتىكەن. (ئەركىن)