قىرغىزىستان دائىرىلىرى، قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2005.08.08

دۈشەنبە كۈنى قىرغىزىستان بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رە ئىسى ۋىياچىسلاۋ خان فىنلاندىيە، شىۋىتسىيە ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا قالغان 15 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرىنىڭ 11 نى قوبۇل قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

13-ماي كۈنى ئىسلام كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ ئەنجان شەھىرىدە ئېلىپ بارغان قانلىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن 500 نەپەر ئەتراپىدا ئۆزبېكىستان پۇقراسى قىرغىزىستاندا پاناھلانغان.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى ئەنجاندىكى ۋەقەلەردە 190 " تېررورچى" نىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن ۋەقە شاھىدلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنجاندىكى ۋەقەلەردە 500 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا نۇرغۇنلىغان ئايال كىشىلەر ۋە كىچىك بالىلارمۇ بار ئىكەن.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، قىرغىزىستاندا پاناھلانغان ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، ئۇلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرمىدى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆتكەن ئاي 400 دىن ئارتۇق ئۆزبېك مۇساپىرىنى قىرغىزىستاندىن رومىنىيىگە يۆتكەپ كېتىشىگە يول قويدى.

قىرغىز ھۆكۈمىتى 15 ئۆزبېك مۇساپىرىنى ئەنجان تۈرمىسىدىن قاچقان جىنايەتچىلەر دەپ تۇتۇپ قالغان. ئەمما، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى جۈمە كۈنى ئەگەر 10 كۈن ئىچىدە قىرغىزىستاندا قالغان 15 ئۆزبېك مۇساپىرىنى قوبۇل قىلىدىغان بىرەر دۆلەت چىقمىسا، ئۇلارنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.