
رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 28-نويابىر كۈنى بېلورۇسىيىنىڭ پايتەختى مىنكس شەھىرىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئالىي رەھبەرلىرى يىغىنى ئېچىلدى. مەزكۇر يىغىنغا 11 دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئىشتىراك قىلغان، بىراق ئۆزبېكىستان رەھبىرى ئىسلام كەرىموپ بۇ يىغىنغا قاتناشمىغان.
ئۆزبەكىستانلىق ئانالىزچى مالىك مەنسۇرنىڭ قارىشىچە، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ يىغىنىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كېلەچىكى ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىي مۇزاكىرە تېمىسى بولغان. نۆۋەتتە، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىنىڭ تەقدىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كۈن تەرتىپىگە قويۇلغان بولۇپ، مۇستەقىل ئانالىزچىلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قۇرۇلغان مەزكۇر تەشكىلات ئاللىقاچان ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولدى دەپ قارىماقتا. ھەر بىر قىسىم مەملىكەتلەر بۇ تەشكىلاتتىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە
ئۆتكەن يىلى 26-ئاۋغۇست كۈنى تاتارىستاننىڭ پايتەختى قازاندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىنىڭ يىغىنىدا مەزكۇر تەشكىلاتىنى تارقىتىۋېتىش تەكلىپى مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما نەتىجە قازىنالمىغان. لېكىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك ھالدا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى قايتا تەشكىللەشنى قارار قىلدى. بۇ ئاساسلىقى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەمىنلەش ۋە باشقىلارغا قارىتىلغان. بۇ يىل يازدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن مۇستەقىل دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مەملىكەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى موسكۋاغا چاقىرىپ يىغىن ئاچقاندا بىر قىسىم دۆلەت باشلىقلىرى ھەر خىل باھانە بىلەن قاتناشمىغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن شەكىللەنگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى مەۋجۇت بولغان 15 يىلدىن بۇيان كۈنسايىن پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.
مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەر يىلدىن –يىلغا ئۆز ئالدىغا سىياسەت بەلگىلەشكە قاراپ تەرەققى قىلىپ، بۇرۇنقى بىر گەۋدىلىكتىن ئايرىمىلىققا قاراپ يۈزلەنگەن بولۇپ، ھەتتا دېموكراتىك ئىنقىلاب غەلىبە قىلغان ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستان بىرلىشىپ، ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر رايون خاراكتېرلىق خەلقئارالىق تەشكىلات قۇرۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن ھەمدە مۇستەقىل دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشنى، بۇ رايوندا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
رۇسىيە بۇ تەشكىلاتتىن پايدىلىنىپ، ئوز تەسىرىنى تىكلىمەكچى

ئانالىزچىلار رۇسىيىنىڭ ئۆز جۇغراپىيىۋى سىياسىي مەنپەئەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىن پايدىلىنىش ھەرىكىتى باشلىغانلىقى ھەتتا بۇنىڭ تەركىبىدە كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتى دەپ ئاتالغان ھەربىي –سىياسىي گۇرۇھنى بەرپا قىلىپ، ئالدى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆز كۈچىنى تىكلەش ئۈچۈن ھەربىي بازىلارنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
ئۆزبېكىستانلىق ئانالىزچى كامالىددىن راببىموپنىڭ قارىشىچە، گەرچە رۇسىيە مۇستەقىل دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بىر شەكىلدىكى سىستېمىنى بەرپا قىلىشقا ئىنتىلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرى تولىمۇ ئېغىردۇر. ئۇنىڭ ھەتتا بۇنىڭغا ھېچ ئىمكانىيەتلىرىمۇ يوقتۇر.
خەۋەرلەردىن قارىغان، رۇسىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ باشلىقى بالۇيېۋسكىي 2007-يىلى رۇسىيە تەۋەسىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىنىڭ رامكىسى ئاستىدىكى كوللەكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مانېۋىرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ھازىر جىددىي تەييارلىقلار ئېلىپ بېرىلماقتا. رۇسىيە ئۆز تەسىرىنى تىكلەشتە يەنىلا ھەربىي جەھەتتىكى قۇدرىتىگە تايانماقتا.
ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، يەنە رۇسىيە بىلەن بېل رۇسىيە ئىتتىپاقداش دۆلەت بولۇش مەسىلىسى ھەققىدىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنىيە ئۆزىنى رۇسىيىدىن قاچۇرغان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىم پرېزىدېنت ۋىكتور يۇشېنكو مەزكۇر يىغىنغا بىۋاسىتە قاتناشقان.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىدىن نۇرسۇلتان نازاربايېۋ، قىرغىزىستان رەھبىرى قۇرمانبېك باقىيېۋ، تاجىكىستان رەھبىرى ئېمام ئەلى راخمانوپلا مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى ساقلاپ قېلىش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن رۇسىيە رەھبىرى بىلەن پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلغان. (ئۈمىدۋار)