ھۆكۈمەتنىڭ يىڭى قارارىغا قارشى چىققان ئۆزبەك ئايال يايمىچىلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلدى


2004-11-01
Share

دۈشەنبە كۈنى ئۆزبېكستاننىڭ قوقەند شەھىرىدە 2000 نەپەر ئەتراپىدا ئۇششاق تىجارەتچى ئايال ھۆكۈمەتنىڭ ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى سېتىش توغرىسىدا چىقارغان يېڭى قائىدە-تۈزۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ساقچى ۋە باج كادىرلىرىنى ئۇرۇپ، ساقچى ماشىنىلىرىغا ئۆت قويۇپ بەردى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېكستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئايال ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ نامايىشىنى باستۇرۇش جەريانىدا سۇ چىچىش ماشىنىلىرىنى ئىشلەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قوقەند بازىرىدىكى نارازىلىق ھەرىكىتى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ھۆكۈمەتنىڭ يىڭى قارارىنى ئورۇنداشقا باشلىشى بىلەن بىرگە باشلانغان. ھۆكۈمەتنىڭ چىقارغان يېڭى قارارىغا ئاساسەن، چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلارنى سېتىشنىخالايدىغان ھەرقانداق كىشى، ھۆكۈمەتتىن رۇخسەت ئېلىشى ۋە ئەنگە ئېلىنىشى كىرەك ئىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باج كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ بازاردا رۇخسەتسىز تاۋار ساتقان ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ماللىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇلارنى تۇتۇشقا باشلىشى بازاردىكى باشقا تىجارەتچىلەرنىڭمۇ غەزىپىنى قوزغاپ، توقۇنۇشلارنىڭ باشلىنىشىغا تۈرتكە بولغان.(قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت