سايلام مۇناسىۋىتى بىلەن قىرغىزىستاندىكى نامايىشلار داۋاملاشماقتا
2005.03.06
قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىغا قارشى نامايىشلار داۋام ئەتمەكتە. رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نارىن ئوبلاستىدىكى 2000 دەك كىشى يەكشەنبە كۈنى خىتايغا تۇتۇشىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنى توسۇپ، يەرلىك كاندىداتىنىڭ سايلام ھوقۇقىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ئۇلارنىڭ كاندىداتى ئىشەنبەي قادىربىكوفنىڭ كاندىداتلىق سالاھىيىتى شەنبە كۈنى يەرلىك سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.
جالالئابادتىكى يەنە بىر ئۆكتىچى كاندىداتنىڭ قوللىغۇچىلىرى شەنبە كۈنى يەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىشغال قىلغان. ئۇلار " ئەسقەر ئاقايېف چۈشۈپ كەتسۇن!" دېگەندەك لوزۇنكىلارنى ئېسىپ، ئۆتكەن ھەپتىكى سايلامنىڭ نەتىجىسىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بىنانىڭ سىرتىدا ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، باشقىلارنىڭ كىرىشىنى چەكلىگەن. نامايىش يەكشەنبە كۈنىمۇ داۋام قىلماقتا.
قىرغىزىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باشقا بىر قانچە رايونلاردىمۇ سايلامغا قارشى نارازىلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. سايلامنى كۈزەتكەن ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى سايلامنىڭ خەلقئارا سايلام ئۆلچەملىرىگە توشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، سايلامدا بىلەتنى سېتىۋېلىش، ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ كاندىداتلىرىنى سايلامغا قاتناشتۇرماسلىق ۋە مۇستەقىل مەتبۇئاتلارغا دەخلى - تەرۇز يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلگەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى 75 ئورۇننىڭ ئاران 31 ئى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. قالغان كۆپ قىسىم ئورۇنلار بولسا 13 - مارت كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان ئاخىرقى سايلامدا بىكىتىلىدىكەن. (ئارزۇ)