قىرغىزىستاندىكى نارازىلىق نامايىشلىرى


2005.03.22
KYRGYZTAN-ELECTION-RIOTS-15.jpg
21-مارت كۈنى، قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى، ئوش شەھىرىدە پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېفنىڭ رەسىمىنى نابۇت قىلماقتا. AFP

خەۋەرلەرگە قارىغاندا قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ راستچىل ۋە ئادىل بولمىغانلىقىدىن نارازى بولغان قىرغىزىستان ئۆكتىچى پارتىيە-گۇرۇھلىرىنىڭ پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋنى ھوقۇقتىن چۈشۈشكە قىستاش پائالىيەتلىرى يەنە بىر يېڭى دولقۇنغا كۆتۈرىلگەن بولۇپ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيان جالال ئاباد شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن كونتورۇل قىلىنغان بولسا، دۈشەنبە كۈنى مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى ئامما ئوش ئوبلاستىنىڭ مەركىزى يەنى قىرغىزىستان بويىچە ئىككىنچى چوڭ شەھەر ھېسابلانغان ئوش شەھىرىدىكى ئوبلاستلىق مەمۇرىي مەھكىمە، بىخەتەرلىك ئىدارىسى، ساقچى ئىدارىسى شۇنىڭدەك ئايرودروم قاتارلىق جايلارنى ئىگىلىۋالغان. ببچ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا بۇ ھەرىكەتكە ئون مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان ئىكەن.

ھازىرچە ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمىگەن

رۇسىيىنىڭ I TAR_TASS ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا كەم دېگەندە 8 شەھەردە مۇشۇ خىلدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قىرغىزىستان بويىچە ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلىنىشقا يۈزلەنمەكتە. ئەمما ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوش قاتارلىق شەھەرلەردە بەرىبىر نورۇز پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋەرگەن، ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار كېلىپ چىقمىغان.

ئەمما، بۇنىڭدىن 3 يىل ئىلگىرى جالال ئاباد ئوبلاستىدا يۈز بەرگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى باستۇرۇلۇپ، بىر قانچە ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە خېلى كۆپ ساندىكى ئادەملەرنىڭ يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەزكۇر رايوندىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرى كۈچۈيىپ كەتكەن. بۇ قېتىم ھۆكۈمەت تەرەپ ساقچى تارماقلىرىنى ئىشقا سالمىغان.

ئۆكتىچىلەر ئاقايېۋنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا

ئوش ۋە جالال ئاباد قاتارلىق جايلاردىكى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئۆكتىچىلەر قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، 21-مارت كۈنى كەچتە "قىرغىزىستان خەلقلىرى بىرلىكى ئالاقە كېڭىشى" دەپ ئاتالغان قىرغىزىستان ئۆكتىچى پارتىيە ۋە گۇرۇھلارنىڭ بىرلەشمىسى ئەسقەر ئاقايېۋنى ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ۋە ياكى ئۇنى خالىمىسا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشقا چاقىرغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستان باش مىنىستىرى نىكولاي تانايېۋ ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك بۇ قېتىم ۋەقەنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ساقچى ۋە باشقىلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى

ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنلەردە پرېزىدېنت ئاقايېۋ موسكۋادا بولۇپ، ئۇ دەرھال بىشكەككە قايتقان شۇنىڭدەك سايلامغا مۇناسىۋەتلىك بەزى مەسىلىلەرنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باش مىنىستىر تانايېۋ ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئوش ۋە جالال ئاباد ئوبلاستلىرىدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ پۇل تۆلەش ئارقىلىق ئىشقا سېلىنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن .ئەمما، ئۆكتىچىلەر بۇنى رەت قىلغان.

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ ئاخبارات سىكرېتارى ئادىل سېغىزبايېۋ بايانات ئېلان قىلىپ، "ئوش ۋە جالال ئاباد ئوبلاستلىرىدىكى ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇش ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر ھەرىكەتلەر دىنىي ئەسەبىي ۋە تېررورچى تەشكىلاتلارنىڭ تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كېتىشىدا ياخشى ۋاسىتە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن" دېگەن. ئۇ يەنە ، ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەزىيەتنى كونتورۇل قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلىنى تەكىتلىگەن. ئەمما ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى روزا ئوتوبايېۋا بۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قانۇننى ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ، ئوشتا تەرتىپ ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقارا ئىنكاسلار

جالال ئاباد ۋە ئوشتا يۈز بەرگەن بۇ بىر قاتار ئەھۋاللار خەلقارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتىپلا قالماستىن بەلكى يەنە خەلقارا جەمىيەتنىڭمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشكەن.

ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئۆكتىچىلەر ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى تالاش-تارتىش ئاستىدىكى مەسىلىلەرنى تىنچلىق بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىرغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىلى جامەس ئەرلى ھازىر ۋاشىنگتوننىڭ قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن كۈزۈتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى قىرغىزىستاندا ئېلىپ بېرىلگان پارلامېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك نورمىلارغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، مۇمكىن قەدەر ئاقايېۋنىڭ بۇ قېتىم ئۆز تەرەپدارلىرىغا كۆپ يول قويۇشنىڭ پايدىسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ جالال ئاباد ۋە ئوشتىكى بۇ ھەرىكەتلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇڭ"ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قايمۇقتۇرۇش يولى بىلەن" ئەمەلگە ئاشۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق رۇسىيىنىڭ بۇ ۋەقەلەرگە جىددىي قاراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن شۇنىڭدەك مەسىلىنى سۆھبەت يولى بىلەن ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلغان.

ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتىمۇ قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ دېموكراتىك نورمىلارغا ئۇيغۇر ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.

قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى روزا ئوتوبايېۋا قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئادىل ۋە راستچىل بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ تەرەپدارلىرى ،ئۇنىڭ ئۇرۇق تۇققانلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

قىرغىزىستاننىڭ دېموكراتىيىلىشى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خەلقارا جەمىيەتنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى بىر قانچە يىللاردىن بۇيان دۆلەتتە پارىخورلۇق، كەمبەغەلچىلىك قاتارلىقلارنىڭ كۈچۈيۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى ئۈزلۈكسىز تۈردە تەلەپ قىلغان. پرېزىدېنت نامزىتى كۇلوپنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى ۋە بىر قانچە يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن جالال ئاباددىكى نامايىشچىلارنىڭ باستۇرۇلۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتى تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل 10 ئايدا پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلماقچى بولۇپ، ئاقايېنىڭ قايتا سايلىنىشى ياكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇشىمۇ مۇھىم نۇقتىغا ئايلانغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.