ھەربىي قىسىملار جۈمە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەنجان شەھىرىدىكى نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، ئاز دېگەندە 9 كىشىنى ئۆلتۈردى. ئەمما نامايىشچىلار 50 كىشىنىڭ ئەسكەرلەر تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. نامايىشچىلەر ئەنجاندىكى بىر تۈرمىگە ھۇجۇم قىلىپ، دائىرىلەر تەرىپىدىن دىنىي ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىپلەنگەن 23 كىشىنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن.
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموۋ شۇ كۈنى ئەنجان شەھىرىگە يېتىپ باردى. دائىرىلەر ئەنجان شەھىرىنىڭ بارلىق كىرىش - چىقىش ئېغىزلىرىنى قامال قىلغان. نامايىشچىلارنىڭ سانى 5 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئەنجان شەھىرىدىكى مەركىزى مەيدان شۇنداقلا ھۆكۈمەت بىناسىنى كونترول قىلىۋالغان. ئەنجان ئۆزبېكىستان شەرقىدىكى شەرقىيدىكى ئۆرپ - ئادەت ئەنئەنىۋى كۈچلۈك شەھەر.
تاشكەند ھۆكۈمىتى تەرەپ ۋەزىيەت كونتروللىقىمىزدا، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ تەرەپسىز مەنبەئەلەر تەرىپىدىن ئىسپاتلانمىدى. دائىرىلەر چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ رايونغا كىرىشىنى شۇنداقلا چەتئەل رادىئو - تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى چەكلىگەن.
بۇ ئارىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزبېكىستاندا توقۇنۇشىۋاتقان تەرەپلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىردى. ئاق ساراينىڭ باياناتچىسى مىكلىلان، "بىز ھەر ئىككىلا تەرەپنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا ئۈندەيمىز،" دەپ كۆرسەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "ئۆزبېكىستان خەلقى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە، دېموكراتىك ھۆكۈمەتنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما بۇ زوراۋانلىق يوللار بىلەن ئەمەس، تىنچ يوللار بىلەن بولۇشى كېرەك".
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەقە توغرىسىدىكى باياناتىدا كېرىموۋ ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىپ، "نامايىشچىلارنىڭ ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق نامراتلار مەسىلىسى ۋە قانۇنلارغا ھۆرمەت قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان جىددى ۋەزىيەتنى نامايەن قىلىدۇ،" كۆرسەتتى. (ئەركىن)