0:00 / 0:00
قىرغىزىستان خەلقى 10-ئىيۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، 17-ئىيۇن كۈنى بېھسكەكتىكى بىرقانچە مىڭ كىشى سايلام كومىتېتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىپ، ئاق ئۆيگە بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان.
قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرى ھۆكۈمەتكە قارشى مەزكۇر ھەرىكەتلەرنى قازاقىستاندا تۇرىۋاتقان ئاقايېف تەرەپدارلىرىنىڭ پىلانلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.