ئۆزبېكىستاننىڭ سەمەرقەنت ئوبلاستىدا چوڭ نامايىش يۈز بەردى


2005.06.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئۆزبېكىستاننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى سەمەرقەنت ئوبلاستىدا چارشەنبە كۈنى كەڭ كۆلەملىك نامايىش يۈز بېرىپ، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن تۇتۇپ كەتكەن بىر نەپەر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۆزبېكىستان بىخەتەرلىك قىسىملىرى يەكشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىر نەپەر ئەزاسىنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى ئىقتىسادىي جىنايەت بىلەن قارىلىغان.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چەكلەنگەن ئازاد دېھقانلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا، چارشەنبە كۈنىدىكى نامايىشقا ئاز دېگەندە 600 كىشى قاتناشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ئايدا ئەنجاندىكى نامايىشچىلارنى قانلىق باستۇرۇشى، ھازىرغىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.