ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئارسلانبېگنىڭ سايلام ھوقۇقىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ ئۆكتىچىلەر رەھبىرى ئارسلانبېگ مالىيېفنىڭ سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلىشى، نارېن ئوبلاستىدىكى پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

قىرغىزىستاننىڭ نارېن ئوبلاستىدىكى پۇقرانىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى جۈمە كۈنى 4 - كۈنىگە قەدەم قويغان. پۇقرالار، مالىيېفنىڭ يۇرتى بوقانبايېف بازىرىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى قورشىۋالغان شۇنداقلا بېشكەك بىلەن نارېن ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ يولغا توساق ياسىغان. نامايىشچىلارنىڭ سانى 5 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر ھۆكۈمەت ئارسلانبېگ مالىيېفنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمىسە، پايتەخت بېشكەككە يۈرۈش قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. قىرغىزىستان ئالى سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى ھۆكۈم چىقىرىپ، ئارسلانبېگنىڭ سايلامغا قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى ئەرزىنى رەت قىلغان. شۇ كۈنى ئالى سوت مەھكىمىسى يەنە ئاقىلبېگ جاپاروفنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى.

قىرغىزىستان سايلام كومىتېتى جاپاروفنىڭ سايلامغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى يوقلىقىنى ئېلان قىلغان. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،ئارسلانبېگ سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا پۇقرالارنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ﻣېنىڭ ئىختىرالىقىمدىكى مەسىلە ئەمەس، دەپ تەكىتلىگەن. قىرغىزىستاندىكى پارلامېنت سايلىمى يەكشەنبە كۈنى ئۈتكۈزىلىدۇ. بۇ ئارىدا قىرغىزىستاننىڭ مۇئاۋىن تاشقيى ئىشلار مىنىستىرى تالانت قۇشچىبېكوف، ئامېرىكىنىڭ بېشكەكتىكى دىپلوماتىك ئەمەلدارى دونالد لۇنى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتقان. بېشكەكتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىسى ستېفان ياڭ يېقىندا قىرغزىئىستاندىكى سايلامغا خىلاپ ھەرىكەتلەر ئامېرىكا - قىرغىزىستان مۇناسۋىتىگە سوغاق سۇ سېپىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئەركىن)