قازاقىستاندا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق كۈچەيمەكتە

قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى جامارقان تۇياقباي ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئالماتا شەھىرىنىڭ يېقىنىدىكى شانىراك رايونىدا يەر مەسىلسى تۈپەيلىدىن ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشنى، خەلقىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقاننىڭ بىر بىشارىتى دەپ كۆرسەتتى.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ۋەقە جەريانىدا يۈزلىگەن نامايىشچى قازاق ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ ساقچىنى بىرنەچچە سائەت گۆرۈگە ئېلىۋالغان ھەمدە توقۇنۇشلاردا ئونلىغان ساقچى ۋە نامايىشچى يارىلانغان.

تۇياقباي، پەيشەنبە كۈنى ئالماتادا بەرگەن باياناتىدا، خەلق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلايدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. لېكىن ھازىر ئۇلار بۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، كوچىلارغا چىقىشقا باشلىدى. بۈگۈن شەھەر باشىلىقىنى تەنقىد قىلغان خەلق ، ئەتە مەركىزى ھاكىمىيەتنى تەنقىد قىلىشقا باشلايدۇ، دېدى.

خەۋرلەرگە قارىغاندا، شانىراكدىكى توقۇنۇش، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مىڭلىغان كۈچمەننى، رايوندىن كۆچۈرۈشكە ئۇرۇنۇشى بىلەن باشلانغان. بۇنداق توقۇنۇشلار، ئۆزىنى قازاقىستاندىكى مۇقىملىقنىڭ كاپالەتچىسى دەپ قارايدىغان پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەر بايىف ھاكىمىيىتى ئۈچۈن ئېغىر بىر سىياسىي زەربە ھېسابلىنىدىكەن.

1989‏- يلىدىن بېرى قازاقىستاندا ھاكىمىيەت يۈزرگۈزىۋاتقان نەزەربايىف، دۇنيادا نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىنمۇ پايدىلىنىپ، قازاقسىتاننى ئوتتۇر ئاسىيادىكى بىر ئىقتىسادىي كۈچ قىلىپ تىكلەپ چىقتى. ئەمما سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ئۇنى قازاقىستاندا پەرقلىق سىياسىي كۆز قاراپتىكىلەرنى باستۇرۇپ، ئىشسىزلىك ۋە ئۆيسىزلىك قاتارلىق ئىجتمائىي مەسىلىلەرگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىدى دەپ ئەيبلىمەكتە.

سىياسىي ئانالىزچىلار، ئەگەر قازاقىستان ھۆكۈمىتى، ئىشسزلىك مەسىلسىنى بىر تەرە قىلىش ئۈچۈن جددىي تەدبىر ئالمىسا، ئالمۇتا نىڭ باشقا رايونلىرىدا كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرى يۈزبېرىشى مۇمكىن ، دېيشمەكتە. (ئەقىدە)

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org