NATO باش كاتىپىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان ۋەكىلى روبېرت سىمونىس، سەيشەنبە كۈنى ئالماتادا، ئامېرىكا قىسىملىرى ئۆزبېكىستاندىن چېكىنگەندىن كېيىن، NATO نىڭ قازاقىستان ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش پىلانى يوقلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، روبېرت سىمونىس NATO نىڭ قازاقىستاندىن ھەربىي بازىلىرىنى ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىشقا يارايدىغان بىرەر سەۋەب بارلىقىنى كۆرۈپ يېتەلمىدىم، دەپ تەكىتلىگەن.
قازاقىستان، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن پايدىلىنىشىغا يول قويغان ئىدى.
سىمونىسنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ چارشەنبە كۈنى ئاستانىدا قازاقىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىكەن.
سىمونىس قازاقىستانغا قىرغىزىستاندىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ، دۈشەنبە كۈنى بېشكەكتە قىرغىزىستان دائىرىلىرى بىلەن NATO بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ھەمكارلىق مۇناسۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، قىرغىزىستان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا يول قويغان ئىدى. (ئەركىن)