ش ئا ئو ئە ت ئۆزبېكىستاننى ئەندىجاندىكى باستۇرۇشنى تەكشۈرۈشكە يول قويۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
2005.05.24
ش ئا ئو ئە ت (NATO) سەيشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستانغا قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتىپ، ئۆزبېكىستان دائىرىنى ئەندىجاندىكى نامايىشچىلارنى باستۇرۇش ۋەقەسى ئۈستىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ش ئا ئو ئە ت، ئەندىجاندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەردىن "قاتتىق بىئارام" بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
باش شتابى بريۇسسېلدىكى ش ئا ئو ئە ت سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، " بىز ئۆزبېك ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان ھالدا قارغۇلارچە ئىشلىتىلىشىنى ئەيىبلەيمىز،" دەپ كۆرسەتتى. ش ئا ئو ئە ت باياناتىدا، ب د ت نى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئالدىنقى كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئەندىجاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە ئۈندىگەن. ئەگەر ئۆزبېكىستان تەكشۈرۈشكە يول قويمىسا، ئىقتىسادى ياردەمنى توختىتىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدى. ئەمما كېرىموف ھۆكۈمىتى خەلقئارا جەمئىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. كېرىموف، ئۆزبېكىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېيتجاھان زەينەبىدىنوۋنى قولغا ئالدى.
مەركىزى نيۇ - يوركتىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، كېرىموف ھۆكۈمىتىدىن زەينەبىدىنوۋنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، "خەلقئارا جەمئىيەت ئۆزبېكىستاننى زەينەبىدىنوۋنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىشى كېرەك،" دەپ ئەسكەرتتى. بۇ ئارىدا ب د ت نىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى، قىرغىزىستان چىگرىسىدىكى ئۆزبېك مۇساپىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئۆزبېك مۇساپىرلارنى يۇرتىغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئەركىن)