قازاقىستاننىڭ NATO بىلەن بولغان ھەمكارلىقى كۈچەيمەكتە


2006.01.15

"بۈگۈنكى قازاقىستان" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە، بريۇسسېلدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ شىتابىنى زىيارەت قىلغان قازاقىستان مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بۇلات سېمبىنوپ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئارىسىدا "NATO ۋە قازاقىستان " دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ، قازاقىستاننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىق پىلانى تەييارلاپ چىقىلغان ھەم مۇزاكىرە قىلىنغان.

خەۋەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، قازاقىستان بىلەن NATO نىڭ مەزكۇر ئۆز ئالدىغان ئېلىپ بارىدىغان ھەمكارلىق پىلانى رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش، ھەربىي كۈچلەرنىڭ ئۆزارا ئالاقىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ھەمكارلىقى ئېلىپ بېرىش، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەم پەن-تېخنىكا، شۇنىڭدەك ئەكولوگىيە ۋە باشقا مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقلارغا قارىتىلغان. ئەگەر بۇ پىلانلار ئەمەلگە ئاشسا، قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەملىكەتلەر ئىچىدە بىرىنچى قېتىم NATO بىلەن يېڭى سەۋىيىدە، ئايرىم يوسۇندا ھەمكارلاشقان دۆلەتكە ئايلىنىدىكەن.

مەلۇمكى، قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق مەملىكەتلەر NATO نىڭ "تىنچلىق ئۈچۈن ھەمكارلىق پروگراممىسى" غا ئەزا بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر بىر قانچە يىللاردىن بۇيان NATO بىلەن ئىزچىل ھەمكارلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ھەمكارلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرمەكتە . بۇ دۆلەتلەر NATO نىڭ دېموكراتىيە ۋە ھەربىي ئۆلچەملىرىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

يېقىندا قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئاتاغلىق ئۆكتىچىلەر رەھبىرى غالىمجان جاقىيانوپنى تۈرمىدىن ئازاد قىلغان.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.